مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    ئابلېلىم ھەبىبۇل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە كىرىمىنى ئاشۇردى

    ئامانگۈل2017-07-05 12:06:15شىنجاڭ گېزىتى

      مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسىنىڭ دىغار يېزىسى كارىز كۆل كەنتىدىكى ئابلېلىم ھەبىبۇل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆرۈكلۈك بېغىنى ئىلمىي باشقۇرۇپ، قولى ئوبدانلا پۇل كۆردى.

     ئابلېلىم ھەبىبۇلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 2006 – يىلى ئون مو يېرىگە ئۆرۈك كۆچىتى تىككەن، دەسلىپىدە ئۆرۈك دەرەخلىرىنى ئىلمىي ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى بولمىغاچقا، كۆڭۈلدىكىدەك ھوسۇل ئالالماپتۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن يېزا – كەنتتە ئېچىلغان پەن – تېخنىكا كۇرسلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆرۈك دەرىخى پەرۋىشىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى پۇختا ئىگىلەپتۇ ھەمدە تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە بەزى ئۆرۈك سورتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، سۇلتان ئۆرۈك، ئاق ئۆرۈك قاتارلىق سورتلارنى يېتىشتۈرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇردىن بۇيان ئۇنىڭ ئۆرۈكلىرىنىڭ بازىرى چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى جەلپ قىپتۇ.

     ئابلېلىم ھەبىبۇل مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكى تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە ئۆرۈك دەرەخلىرىنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىپ، بۇلتۇر ئون مو يەردىكى ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى بەش يۈەندىن سېتىپ، 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانىدىم. بۇ يىل بازار باھاسى ياخشى بولغاچقا، ھەر كىلوگىرامىنى ئالتە يۈەندىن سېتىۋاتىمەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ يىل 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىمدا گەپ يوق.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.