مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 13 مىليون يۈەن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى

    ئامانگۈل2017-07-05 12:06:14شىنجاڭ گېزىتى

      خالىدەم توختىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىللىق 4 – تۈركۈمدىكى كەنت دەرىجىلىك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى چۈشۈرگەن. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ تۈر مەبلىغىدىن 13 مىليون يۈەنگە ئېرىشكەن.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ ناھىيە بۇ تۈر مەبلىغىنى 25 كەنتتە كەنت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشقا ئىشلىتىدىكەن. كەنت مۇلازىمەت مەركەزلىرى پۈتسە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشى قولايلىشىپلا قالماي، ئىناق، مەدەنىي ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ھازىر كەنت مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلانغان بولۇپ، 10 – ئايدا پۈتىدىكەن. مۇلازىمەت مەركەزلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.