مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنىڭ غېمىنى يېدى

    ئامانگۈل2017-06-23 16:19:28شىنجاڭ گېزىتى

      ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش، ئوبلاستلىق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بورتالا شەھىرىنىڭ ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى يامىنتوخا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى غەمدىن خالاس قىلدى.

     بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇ كەنتتە مېيىپلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكىنى بىلگەندىن كېيىن، بارلىق مېيىپلەرنى تىزىملاپ، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق 17 مېيىپنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسىنى بېكىتتى. پۇتى كېسىۋېتىلگەن دېھقان ئېرغازىغا ھەقسىز يالغان پۇت سېلىشىغا تۈر مەبلىغىدىن 50 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ياراتتى. بۇ كەنتلىك دېھقان زۇنۇننىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش جەريانىدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، چاقلىق ھارۋا ھەل قىلىپ بەردى ھەم بورتالا شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇنى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتۈردى. مۇشۇ كەنتتىكى ئۇزاق يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان 1 – دەرىجىلىك مېيىپ ئايال ۋۇ خۇيلىڭغىمۇ چاقلىق ھارۋا ئېلىپ بەردى. ئۇلار يەنە دېھقانلار ئېتىزغا بارىدىغان يولدىكى ئۆتۈشمە ئېرىقتا كۆۋرۈك يوقلۇقىدىن خەۋەر تېپىپ، 3300 يۈەن غەملەپ كۆۋرۈك ياسىتىپ بەردى.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ رۇپېڭ مۇنداق دېدى: بىز گەرچە دېھقانلارغا ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن بولساقمۇ، دېھقانلار بىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدى. بىز يەنە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.