مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تاغلىق كەنتتىكىلەرنىڭ غەمگۈزارىغا ئايلاندى

    ئامانگۈل2017-06-12 15:40:54شىنجاڭ گېزىتى

      ئابلىمىت ئابلىز، مەمەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ: قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ ئىرغايتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى كۆرۈنەرلىك ئىشلەپ، تاغلىق كەنتتىكىلەرنىڭ غەمگۈزارىغا ئايلاندى.

     ئىرغايتى كەنتى شەھەر رايونىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق كەنت بولۇپ، كەنتتىكى تۆت ئەترەتمۇ تارقاق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرغايتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىشخانا بىناسى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بولۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ئىرغايتى كەنتىدىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوراي كەنتىدىكى كونا يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىشخانىلىرىدا ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتاتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئىشخانا، ياتاقلىرىمۇ شۇ يەردە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدا بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغۇلغانىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن كۈندە ئاز دېگەندە 20 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىدىن داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلەپ ھال سوراپ تۇرغاندىن سىرت، قىسمەن كەنت ئەزالىرىنى قومۇل شەھەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئۇيۇشتۇردى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي خەلق دوختۇرخانىسىدىن مۇتەخەسسىس، دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاممىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈش، ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كەنتتىكى ئىمرەمزە توخنىيازنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، جىگەر كېسىلى بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ كېسىلىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ دورا بەردى ھەم سالامەتلىكىنى ئاسراش پىلانى تۈزۈپ بەردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.