مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    ئەمەلىي ياردەمدىن ئىللىغان دىللار

    ئامانگۈل2017-06-07 11:27:29شىنجاڭ گېزىتى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالتۇنگۈل ھاشىم

     مۇچ تېرىغان كۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەقىقەتەن جاپا تارتتى، دېدى تۇرسۇن مەتنىياز ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى ھاشىگۈل كېچىچە ئەرلەر بىلەن تەڭ مۇچ تېرىشقا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بۇ روھى بىزنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.

     تۇرسۇن مەتنىياز ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى جىگدە باغ كەنتىدىكى دېھقان. جىگدە باغ كەنتى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاقسۇ شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتى، شەھەرلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە بۇ يەردە تۇرۇشلۇق نۇقتىسى بولۇپ، تۇرسۇن مەتنىياز دەۋاتقان ھاشىگۈل ئىمىر ئاقسۇ شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى.

     ئۇنداقتا مۇچ تېرىش قانداق ئىش؟

     جىگدە باغ كەنتىدىكىلەر ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كېۋەز تېرىپ كەلگەن بولۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ يىل تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ پەن – مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىدى، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، كەنتتىكى 153 مو ياڭاقلىق باغ ئارىسىغا تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ رەڭلىك مۇچ تېرىماقچى بولدى. قايتا – قايتا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، كۆپ ساندىكى ئامما بۇنىڭغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەر ھەيدەش، رەتلەش مەزگىلىدە شۇ باغدا يېرى بار 42 ئائىلىدىن ئاران ئون نەچچە ئائىلىلىك دېھقان ئەمگەككە قاتناشتى.

     تۇرسۇن مەتنىياز مۇنداق دېدى: مۇچ ئۇرۇقىنى تېرىيدىغان ماشىنا بولمىغاچقا، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن خىزمەت ئەترىتى باشقا يەردىن ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى بىر كۈنلۈك ئارىيەت ئېلىپ كەلدى. يەرنى رەتلەپ ئۇرۇق سېلىش جەريانىدا خېلى كەچ قالدۇق. بەزىلەر ھەر خىل باھانە بىلەن ئۇرۇق سېلىش ئەمگىكىگە قاتناشمىدى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا مۇچنى ئوڭۇشلۇق تېرىپ بولدۇق. ھازىر مۇچلىرىمىزنىڭ ئوبدان ئاينىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مۇچ تېرىش ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن دېھقانلارمۇ ئۆيىدە ئولتۇرالماي ئېتىزغا چىقىۋالىدىغان بولدى.

    تۇرسۇن مەتنىياز مېنى مۇچ ئېتىزىغا باشلاپ باردى. ياڭاقنىڭ تۈپ ئارىسىغا زىرە، سەۋزە، قۇر ئارىلىقىغا مۇچ تېرىلغان بولۇپ، ئېتىزلىقتا بىر نەچچە ئايال ئوت ئوتاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ھاشىگۈلمۇ بار ئىدى.

     ھاشىگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاكىتقا بەكرەك ئىشىنىدۇ، مۇچ پۇل بولسا، تېمىتىپ سۇغىرىشنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي كۆرسە، كېيىنكى يىللاردا ئومۇملاشتۇرۇش ئاسان بولىدۇ.

     جىگدە باغ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەمىت ئىدرىس مۇنداق دېدى: بىز مۇچ تېرىغان كۈنىلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەر كىلوگىرامىنى يەتتە يۈەندىن سېتىۋېلىش زاكاز توختامى ئىمزالىدۇق. مۇچلار تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە پەرۋىش قىلىنسا، دېھقانلار ھەر مو يەردىن 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدۇ.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارغا زامانىۋى، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەھەللە بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگەن، ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، 300 ئائىلىنى ھويلا – ئارانلىرىغا كۆكتات تېرىشقا يېتەكلىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.