مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ غېمىنى يېدى

    ئامانگۈل2017-06-02 15:43:54شىنجاڭ گېزىتى

      ھاجى ئەمەت خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى باش لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت كومىتېتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ‹‹تاشقۇرغانغا مۇھەببەت، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلىش›› تېمىسىدا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

     پائالىيەتتە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› ئەزالىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى قىزغىنلىق بىلەن ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشتى. قىسقىغىنا ۋاقىتتا 10 مىڭ 739 يۈەن ئىئانە يىغىلدى. كۆپچىلىك بۇ ئارقىلىق ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ بالدۇرراق يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىشتى.

     باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كەنت كومىتېتى قورۇسىغا كەلگەن مېھرىبان ئوبۇل گەرچە مېيىپ بولسىمۇ، ئىئانە ساندۇقى ئالدىدا مۇنداق دېدى: تاشقورغان ناھىيەسىدە يەر تەۋرەپ بىر قىسىم كىشىلەر تالاپەتكە ئۇچراپ، ئىقتىسادىي زىيان كۆپ بوپتۇ، قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج، مەنمۇ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، ياردەمگە موھتاج بولغىنىمدا پارتىيە، ھۆكۈمەت، كۆپچىلىك ماڭا ياردەم قىلغان، ئەمدى مېنىڭمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىدىغان ۋاقتىم كەلدى، گەرچە ئىئانە قىلغان پۇلۇم ئاز بولسىمۇ، بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم. ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە بالدۇرراق قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.