مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار دېھقانلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلىدى

    ئامانگۈل2017-05-23 17:24:02شىنجاڭ گېزىتى

      نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرى دۆڭلۈك كەنتىدىكى 46 دېھقان يېقىندا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خوشۇت ناھىيەسىگە ئىشلەشكە ماڭدى. كەنتتىكى تۇنساخان روزى كەنتنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ بېرىپ – كېلىش كىرا ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ياشلاردەك جاسارىتىم بار. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. تۇرمۇشۇمنى ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ قامداپ، ياشلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتىم.

     دۆڭلۈك كەنتىدە 584 ئائىلىلىك بولۇپ، بۇنىڭ 52سى نامرات ئائىلە ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، كەنتتىكى 46 دېھقاننى خوشۇت ناھىيەسىگە بېرىپ ئىشلەپ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلىدى.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گاۋ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۆيمۇئۆي كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ خادىم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىگىلىدۇق. خوشۇت ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللەپ، خوشۇتقا شوخلا، مۇچ تېرىشقا ئەۋەتتۇق. بۇ قېتىم ئىشلەمچىلىككە بارغانلار 11 – ئايغىچە كىشى بېشىغا 6000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدۇ. بىز ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.