مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتى كەنتتە ئەلگە قۇلاي ئېلېكتىرۇنلۇق سودا پونكىتى قۇردى

    مەۋلۇدە2017-05-16 15:43:08شىنجاڭ گېزىتى

        غەيرەت جاسارەت خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسى ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتى ۋە گەزلىك بازىرىنىڭ ئۈستۈن باغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى دېھقانلارغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنت دەرىجىلىك ئەلگە قولاي ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى قۇردى.

        ئۈستۈن باغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئۆمەرجان ئېلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەلگە قولاي ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرى ئاساسلىقى توردا ۋاكالىتەن سېتىش ۋە سېتىۋېلىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، مېھمانخانا، پويىز ۋە ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنى يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىكەن. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.