مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار نامراتلارنى توخۇ بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى

    ئامانگۈل2017-05-12 12:19:43شىنجاڭ گېزىتى

      نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارا ئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېقىندا 54 مىڭ يۈەن قىممىتىدە 4500 توخۇ چۈجىسى، 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدە توخۇ يېمى سېتىۋېلىپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى.

     ئۇقۇشىمچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىشنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزگەن ۋە مائارىپ نازارىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ، 120 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە 20 يۈرۈش كاتەك سېلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.