مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئاقتاملىقلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى

    ئامانگۈل2017-05-12 12:08:54شىنجاڭ گېزىتى

      دىلنۇر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن بازىرى ئاقتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ كەنتتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىگىلەپ، يېقىندا توققۇزتارا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئىلى ‹‹نارات›› سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق توققۇز شىركەتنى كەنتكە تەكلىپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تېمىسىدا خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچتى. خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا كارخانىلار ئاممىنى يېمەكلىك پىششىقلاش، مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى قاتارلىق 80 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

     ئاقتام كەنتىدىكى نۇرجاننىڭ ئۇزاق يىللىق شوپۇرلۇق تەجرىبىسى بولغاچقا، ئۇ خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا توققۇزتارا ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى بىلەن ئەمگەكچى ئىشلىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. شۈ كۈنكى خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا كەنتتىكى ‹‹قوش تىل›› بىلىدىغان، تېخنىكا ئاساسىي بار 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى كارخانىلار بىلەن ئەمگەكچى ئىشلىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.