مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    تارابۇلاق كەنتىدىكى ‹‹خالىس ساتىراشخانا››

    ئامانگۈل2017-05-09 16:11:23شىنجاڭ گېزىتى

     قېيۇم قادىر

     قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نىرىنكىر قازاق يېزىسى تارا بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ‹‹خالىس ساتىراشخانا›› ئاچقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، يېقىندا زىيارەت قىلىشقا باردىم. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياتىقى ئالدىغا ئېسىلغان ‹‹خالىس ساتىراشخانا›› دېگەن ۋىۋىسكا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتى بولسىمۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شى شىنمىننىڭ ياتىقى ئالدىدا نۇرغۇن كىشى ئۆچرەت ساقلاۋاتاتتى، شى شىنمىن ياتىقىدا بىر كىچىك بالىنىڭ چېچىنى ياساۋاتاتتى.

     تارابۇلاق تاغلىق رايونغا جايلاشقان كىچىك كەنت، بۇ يەردە ساتىراشخانا يوق ئىكەن، شۇڭا ياتاقنى ساتىراشخانا قىلىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ چېچىنى ياساپ قويۇۋاتىمەن، دېدى شى شىنمىن.

     شى شىنمىن ئىلگىرى ھەربىي قىسىمدا تۇرغان چېغىدا ساتىراشلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالغانىكەن. ئۇ كەنتتە تۇرۇش جەريانىدا، بۇ يەردە ساتىراشخانىنىڭ يوقلۇقى، كىشىلەرنىڭ چاچ ياسىتىش ئۈچۈن ئاتايىن يېزا بازىرىغا بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ساتىراشخانا ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويۇشنى نىيەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئويى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەر رايونىدىن بىر يۈرۈش چاچ ياساش ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋېلىپ ئۆز ياتىقىدىلا ‹‹خالىس ساتىراشخانا›› ئاچتى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، لۆڭگە قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىدى.

     شى شىنمىن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، چاچ ياساتقىلى كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ ھەم ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ كەنتتىكىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بەرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كەنتتىكىلەرگە يەنىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.