مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    پىچان ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنىڭ ‹‹ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتى›› 

    ئامانگۈل2017-04-28 16:11:00شىنجاڭ گېزىتى

    مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسى چوققا تام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پىلانى تۈزۈش، يۇقىرىدىن ياردەم مەبلىغى ھەل قىلىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

     تۇرپان شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە لۈكچۈن بازىرىنىڭ تۈگمەن بويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتنىڭ بۇ يىللىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بەردى. پىچان ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە لەمجىن بازىرىنىڭ خاندۇ كارىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى ۋە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى يىلمۇيىل %10 ئاشۇرۇش پىلانىنى ئەتراپلىق تۈزۈشىگە ياردەملەشتى. پىچان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە دىغار يېزىسىنىڭ دىغار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بەردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.