مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار دېھقانلارنىڭ غېمىنى يېدى

    ئامانگۈل2017-04-25 11:41:39شىنجاڭ گېزىتى

      سىدىق مىجىت، گۈليار ھىمىت خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسىدىكى پەن – تېخنىكا، ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئىچئېرىق بازىرىنىڭ پايىس كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەسىپ ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ باغ – ئورمان پەرۋىشى ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلدى.

     پايىس كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىش، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق باغ – ئورمان پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم قىلدى. پىدائىيلار خالىس مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارغا چىلان، ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، شەكىلگە كىرگۈزۈش، ئوغۇتلاش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ مېۋىلىك باغلاردىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.