مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    رېئاللىققا ئايلانغان ئارزۇ

    ئامانگۈل2017-04-24 16:47:50شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرىمىز خالىدە ئوبۇل

     4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ‹‹ئىتتىپاق›› يولى تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق ‹‹ئارقا بۇلاق›› مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق سەككىز ياشلىق نەزىنەخېنىم باھاۋۇدۇن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر دۇتارغا ئىگە بولدى، ئۇنى تېخىمۇ خۇش قىلغىنى بىر كەسپىي ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇزىكا ئۆگىتىپ قويىدىغان بولدى.

     بۇ دۇتارنى نەزىنەخېنىم باھاۋۇدۇنغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ‹‹ئىتتىپاق›› يولى تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق ‹‹ئارقا بۇلاق›› مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹ئۆزۈمنىڭ بىر دۇتارى بولسىكەن›› دېگەن ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانىدى.

     نەزىنەخېنىم باھاۋۇدۇننىڭ ئائىلە شارائىتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېيىپ بولغاچقا، مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىغانىدى، ئۇنىڭ تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بالىلارنىڭكىدىن خېلىلا ئاجىز ئىدى. ئۇ دۇتارنى قولىغا ئېلىپ، ئالدى بىلەن تارىنى تەڭشىدى، كېيىن ‹‹يۇلتۇزلار›› دېگەن مۇزىكىنى چالدى. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ مۇزىكا سېزىمىنىڭ خېلىلا يۇقىرىلىقىنى، دۇتارنى ئوبدان چالغانلىقىنى كۆرۈپ چاۋاك چېلىشتى.

     ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە مەھەللىدە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك مۇزىكانت ئابدۇئەلى ئابدۇۋەلى ئۇنىڭغا دۇتار چېلىشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا مەسئۇل بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەنمىگەن، مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بىر مېيىپ قىزنىڭ دۇتارنى مۇشۇ سەۋىيەدە چالالىشى ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ سازلارنى چېلىشنى ئۆگىتىپ قويىمەن.

     نەزىنەخېنىم باھاۋۇدۇننىڭ دادىسى باھاۋۇدۇن تۇردى بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۆيۈنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: قىزىم تۆت ياشقا كىرگەندە قىزىپ قېلىپ، ۋاقتىدا داۋالىتالمىغاچقا، گەپ قىلالمايدىغان، ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قىزىمنى بىر مۇزىكا كېچىلىكىگە ئاپاردىم، ئۇ بۇ كېچىلىكنى شۇنداق ئىشتىياق بىلەن كۆردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دائىم ماڭا: دادا، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بىر دۇتار بولسا ياخشى بولاتتى، دەيدىغان بولدى. قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئەكىرسەم، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى دۇتارنى قولىغا ئېلىپ، ئۇزاقتىن ئۇزاققىچە تۇتۇپ ئولتۇراتتى. شارائىتىمىز يار بەرمىگەچكە، ئۇنىڭغا ھازىرغىچە دۇتار ئېلىپ بېرەلمىگەنىدىم، 13 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بار، خوتۇنۇم ئۆيدە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۆينىڭ راسخوتىغا مەن ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە تاپاۋىتىم ئاران يېتىدۇ.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ سەبىي قىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى لايىق كۆرۈپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 1200 يۈەن يىغىش قىلىپ ئۇنىڭغا دۇتار ئېلىپ بەردۇق ۋە قىزغا دۇتار چېلىشنى ئۆگەتكەندىن سىرت، مەدەنىيەت بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىشىغا ياردەم قىلىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.