مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتى شۈيتى كەنتنىڭ سۇغىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى

    ئامانگۈل2017-04-24 11:13:58شىنجاڭ گېزىتى

     ئابلىمىت ئابلىز خەۋەر قىلىدۇ: قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ شۈيتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ سۇغىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنتتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     ئۇقۇشىمچە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتە 1000 مو تېرىلغۇ يەر بارلىقىنى، ئېرىق – ئۆستەڭلىرى كونىراپ تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، .5 2 كىلومېتىر تۇرۇبا ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان، قۇرۇلۇش مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شۈيتى كەنتىنىڭ سۇغىرىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.