مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتى تاجىك قېرىنداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

    ئامانگۈل2017-04-24 11:02:14شىنجاڭ گېزىتى

      خاسىيەت جۈمەنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاشقورغان يېزىسىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈر قۇرۇلۇشى بولغان باقمىچىلىق بازىسى بىلەن سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى قۇرۇلۇشى 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى باشلانغان. بۇ تۈرگە تاشقورغان يېزىسى 50 مو يەر، ئۈرۈمچى تاموژنىسى بىلەن شىنجاڭ غەربىي قىسىم چارۋىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى دەسلەپكى قەدەمدە 6 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاجراتقان مەبلەغنىڭ پاي ھوقۇقى شۇ جايدىكى دېھقان – چارۋىچىلارغا تەۋە بولىدىكەن. باقمىچىلىق بازىسىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، بازىدا 100 كالا باققىلى بولىدىكەن. سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىغا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئوراپ – قاچىلاش لىنىيەسى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر سەپلىنىدىكەن.

     ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، يەرلىكتىن ئىشچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق يەم – خەشەكلەر تاشقورغان ناھىيەسىدىن سېتىۋېلىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلىدىكەن. باقمىچىلىق بازىسىنىڭ پايدىسى داۋاملىق تەكرار ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى قىلىنىپ سېلىنىدىكەن.

     ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 4 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاشقورغان يېزىسىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.