مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچىمەكتە

    مەۋلۇدە2017-04-14 16:45:58شىنجاڭ گېزىتى

        گۈلزار ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار يۆلەش تەدبىرلىرىنى نامرات ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، تەربىيە بىلەن يېتەكلەش ئارقىلىق ئاممىنى ‹‹يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى››دىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

        بۇ ناھىيەنىڭ قارا سۇ يېزىسى سىپىل كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت. ئىلى ئوبلاستلىق ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل 3 – ئايدىن باشلاپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› بىلەن بىرلىكتە يېڭى خىزمەت پىلانى، نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش پىلانى، مەدەنىيەت پائالىيىتى پىلانى تۈزۈپ چىقتى، ئۇلار يەنە كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئۈستىدە ئىزدەندى.

        تۇرسۇنغازى تۇرغانبېك بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇ بۇلتۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆي سېلىۋالغانىدى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئائىلىسىنىڭ تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن يول كۆرسەتتى.

        تۇرسۇنغازى تۇرغانبېك مۇنداق دېدى: مەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە يىڭى ئۆي سېلىۋالدىم. بۈگۈن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئۆيۈمگە كېلىپ، مەن ئۈچۈن ئىش ئۇقۇشۇپ بەردى، مەن بۇ يىل چوقۇم ئوبدان ئىشلەپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن.

        بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جىيۈەن مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ ‹‹يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى››نى تۈگىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ھازىر كەنتتە 116 نامرات ئائىلىدىن 126 كىشى سىرتقا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا يۈرۈپ كەتتى، كېيىنكى قەدەمدە بىز ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن ماھارەت ئىگىسى بولۇشنى، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىل ئاخىرىغىچە كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.