مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    پوسكام ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار دېھقانلارغا خالىس مۇلازىمەت قىلىدىغان پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللىدى

    مەريەمگۈل2015-06-16 13:25:24تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    كۇيباغ يېزىلىق ئورمان پونكىتىدىن كەنتلەرگە چۇشكەن تېخنىكىلار دېھقانلارغا چىلان كوچەتلىرىنى پەرۋىش قىلىش تىخنىكسىنى ئۆگەتمەكتە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى: بۇ يىل پوسكام ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلاملارغا چۇشكەن 2000 نەپەردىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كادىر ئاساسىي قاتلامدا يېزا، كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە باغ-ئورمان پەرۋىشى بويىچە ئاممىغا خالىس مۇلازىمەت قىلىش پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنى ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەش، قولمۇ قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ باغ-ئورمان پەرۋىشىنى كۇچەيتىش، باغ-ئورمانلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىككە تايىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۇچلۇك ياردەم بەردى.