مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاندى

    مەۋلۇدە2015-05-15 16:50:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئۇل سېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

        ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پولات سۇلتان، خې فىڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 2015-يىللىق تۇنجى كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 15-ماي ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما قاتناشتى.

        ئىگىلىنىشىچە، قۇمھويلا كەنتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ بازا قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئاۋات ناھىيەسى مالىيەدىن 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بازا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىنكى كېرەكلىك ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن. قۇرۇلۇشنىڭ پىلانىدا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23.4 مو، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 1600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى، خىزمەت ئەترىتى تۇرالغۇسى، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئۆيى، سەھىيە ئىشخانىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە دۇكان قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

    ئۇل سېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش