مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    پىچاندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى

    ئامانگۈل2017-10-10 14:57:34شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     بۇ ناھىيە بۇ يىل دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ناھىيە يەنە جەمئىيەتتىكىلەر ئىئانە قىلغان مەبلەغدىن تولۇق پايدىلىنىپ مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللىغاندىن سىرت، ئالاقىدار ئاپپاراتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەم شەخسلەرنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە بۇ ئارقىلىق ياردەمنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قېلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

     ئۇقۇشىمچە، مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر بۇ يىل 1 – ئايدىن ھازىرغىچە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن 1 مىليون يۈەنگە يېقىن ياردەم مەبلىغى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق 1000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى، ئون ئوقۇتقۇچى بەھرىمەن بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.