مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    نامرات ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن...

    ئامانگۈل2017-10-10 11:07:40شىنجاڭ گېزىتى

    پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

      جۇ مىڭجۈن

     ئالتۇن كۈزدىكى پوسكام مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى.

     پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى قوزىمال كەنتىگە بارغىنىمدا، كۆز ئالدىمدا گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى نامايان بولدى، كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان، كەنتتىكى 123 نامرات ئائىلە ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانىدى، تاملىرى سېرىق سىرلانغان نەچچە يۈز ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› ئۆيى رەتلىك سېلىنغانىدى، ھەممە ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدا گۈل ئۆستۈرۈلگەن، كەنتتىكى ئاسفالت يول تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقانىدى...

     قوزىمال كەنتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ كارتىنىسىنى نامايان قىلغانىدى.

     ئائىلىلەرگىچە يۆلەندى، كەنتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

     قوزىمال كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دېھقان ھەمدۇللا ياسىننى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇ ناھىيە تارقاتقان ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىق شەرەپ گۇۋاھنامىسى››نى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: مەن ئەمدى نامرات ئەمەس، بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.

     قوزىمال كەنتى ئىلگىرى پوسكام ناھىيەسىدىكى يۆلەش – ئېچىشتىكى نۇقتىلىق كەنت ئىدى، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى خۇ گوجيې مۇنداق دېدى: بۇ كەنتتە 123 نامرات ئائىلە، 515 نامرات نوپۇس بار ئىدى، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %54.84ىنى ئىگىلەيتتى.

     كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 123 نامرات ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېزىلىق پارتكوم ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ قوللىشى بىلەن، ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››نى چۆرىدەپ، دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈردى، كەنت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ‹‹گۇرۇپپا بويىچە پىلانلاش، ئائىلىلەرگىچە ياردەم بېرىش، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى بويىچە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزدى.

     ئۆيمۇ ئۆي زىيارەت قىلىش، ئېتىز – ئېرىق بويلىرىغىچە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، ‹‹نامراتلارنى يۆلەشتىكى سۇبيېكت ۋە ئاچقۇچ ئۆزىمىز›› دېگەن ئىدىيەنى كۈچەيتتى. تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق – باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئايال پارتىيە ئەزالىرىنى كەشتىچىلىك – تىككۈچىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق مەخسۇس تەربىيەلەش شەكلى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېخنىكا ئىگىلەپ، ماھارەت ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى ۋە ئاممىنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 2016 – يىلى كەنتتىكى 123 نامرات ئائىلە قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

     ‹‹نامراتلىق يىلتىزى›› توغرا تېپىلدى، ‹‹رېتسېپ›› توغرا يېزىلدى

     قوزىمال كەنتىدىكى ئۆزگىرىش پوسكام ناھىيەسىدىكى ئايرىم ئەھۋال ئەمەس.

     پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹نامراتلىق يىلتىزى››نى توغرا تېپىپ، ‹‹رېتسېپ››نى توغرا يېزىپ، ‹‹كېسەل››گە قاراپ ‹‹دورا›› بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىدى. ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە كادىرلار ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئارخىپلىرى ھەقىقىي، ئەمەلىي، پۇختا بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا تەشكىللەپ، 32 نامرات كەنت، 101 ‹‹پاسىل كەنت››تىكى 37 مىڭ 769 نامراتنىڭ ئۇچۇرىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى.

     پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەن جۈنلې مۇنداق دېدى: پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشنى ئاچقۇچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى مۇستەھكەملەپ، نامرات ئائىلىلەرنى ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكى بويىچە يۆلەش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى؛ باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ھەم بازار ئېچىش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى.

     ئۇقۇشىمچە، پوسكام ناھىيەسى ئىككى يىلدىن بۇيان باغۋەنچىلىكنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كۆكتاتچىلىق قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بەش نامرات كەنت، 1407 ئائىلىدىكى 5042 كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 20 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يېڭىدىن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدىن 300نى ياساپ، 150 ئائىلىدىكى 535 نامراتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغان. 40 مىڭ مو تۆۋەن ئۈنۈملۈك باغنى ئۆزگەرتىپ، 5604 ئائىلىدىكى 20 مىڭ نامراتنى نەپكە ئېرىشتۈرگەن. 2635 قوتان، 304 كاتەك سېلىپ، 14 مىڭ 600 چارۋا، 94 مىڭ ئۆي قۇشى سېتىۋېلىپ، 3000 نەچچە ئائىلىدىكى 10 مىڭدىن كۆپرەك نامراتنى نەپكە ئېرىشتۈرگەن.

     پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە نامرات ئائىلىلەردىكىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پائال يۆلىدى. 7875 نامرات ئائىلىنىڭ بانكىدىن 254 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ ياردىمى بىلەن كاپالەتلەندۈردى؛ ‹‹باش ئىشتاب + ھەمراھ زاۋۇت + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى + ئېلېكتىرونلۇق سودا›› بويىچە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ‹‹دۆلەت تىلى + ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش››بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، 3263 نامرات ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

     بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ‹‹نامراتلىق يىلتىزى››نى يۇلۇپ تاشلىدى

     ‹‹نامراتلىق يىلتىزى››نى يۇلۇپ تاشلاشتا كادىرلار ئاچقۇچ، دېدى ئەن جۈنلې. پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى راستچىل بولۇش تەلىپى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ۋە يۇقىرى ئۆلچەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم شەكىللەندۈردى. ‹‹ئىككىنى تولۇق قاپلاش قۇرۇلۇشى››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، ناھىيەدىكى يۆلەشكە قاتناشقان ئورۇن ۋە كادىرلار جەمئىي 46 مىليون 241 مىڭ 700 يۈەن يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، 8 مىليون 771 مىڭ 400 يۈەن يۆلەش مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇپ، 32 تۈرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالدى، 84 تۈرنى ماسلاشتۇرۇپ كىرگۈزدى، 1010 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى.

     مائارىپ ئارقىلىق يۆلەپ، بارلىق نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پوسكام ناھىيەسى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ‹‹قوش تىل›› تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىن 30نى يېڭىدىن سالدى، ئۆزگەرتتى ۋە كېڭەيتتى. ‹‹قۇياش نۇرى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، 15 مىليون 15 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 3289 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى، 429 ئائىلىدىكى 1670 ئادەمنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

     داۋالاش ئارقىلىق يۆلەپ، نامرات ئاممىنىڭ كېسەل داۋالىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ‹‹ساغلام پوسكام›› قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 5 مىليون 920 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 12 سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇردى. 29 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ناھىيەدىكى نامرات ئاھالىنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.

     ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق يۆلەپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ‹‹تۆۋەن كاپالەت + يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش + داۋالىنىش ياردىمى + ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىياسىتى›› ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئەمگەك كۈچى يوق، ئېغىر كېسەل، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى مالىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەممە كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىلەندۈرۈپ، ناھىيە بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان 1897 نامرات ئائىلىدىكى 4621 كىشىنى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى، يېزا – بازارلاردىكى 3332 نامراتقا 6 مىليون 66 مىڭ 600 يۈەن داۋالىنىش ياردىمى مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى، قىيىنچىلىقى بار 434 ئاممىغا 887 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقاتتى، ناھىيە ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق 1141 ئائىلە، 3341 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پىلانلىغان، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئومۇمىي پىلانىنىڭ %14.05 ۋە %11.72ىنى ئىگىلەيدۇ.

     پوسكام ناھىيەسى ھازىر يېپيېڭى قىياپەت بىلەن يەكەن دەرياسى ۋادىسىدا قەد كۆتۈرمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.