مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك سارىيىدا كۆچمەس مۈلۈك مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن 72 سى كۆپەيتىلدى

    رەنا2017-10-09 16:36:32تەڭرىتاغ  ئۇيغۇرچە تورى

       شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 9 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ئالدىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش، ئارخىپ تەكشۈرۈش كۆزنىكى ئۆي-مۈلۈك سارىيىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى قەۋىتىدىن ئۈچىنچى قەۋىتىگە كۆچۈرۈلدى، ئەسلىدىكى 57 كۆزنەك 72 گە كۆپەيتىلدى.

        مۇخبىرنىڭ 7 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، مۇلازىمەت كۆزنىكىنى 57 دىن 72 گە كۆپەيتىش بۇ مەركەزنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش ھەمدە پايدىلىق بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.

    (ھەلىمە قۇربان تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.