مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    ئىككى بايرام مەزگىلىدە شىنجاڭ 8 مىليون 477 مىڭ 200 (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

    رەنا2017-10-09 15:27:07تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
         ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 8 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت-تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 8 مىليون 477 مىڭ 200 (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمال قىممىتى 11 مىليارد 262 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككى تۈردە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان زور ۋەقە، ناچار ساياھەتچىلىك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ساياھەت بازارلىرى مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.
        ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت - تەرەققىيات كومىتېتى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تارماق ھالقىغان بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت ئەرزلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت بازارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «بىخەتەر، تەرتىپلىك، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك» بولۇشتەك تۆت بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «خۇشال-خورام، كۆڭۈللۈك، ئىناق، مەدەنىي، بىخەتەر» بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.                                                 
           (مەريەمگۈل يۇنۇس تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.