مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان مەھەللىلەردە ئولتۇرۇشلۇق ئائىلە مىڭ ئائىلىلىكتىن ئاشسا يەسلى قۇرۇلىدۇ

    رەنا2017-10-09 15:21:04تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن بالىلارنىڭ يەسلىدە ئوقۇيالماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1000 ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 3000 دىن ئاشىدىغان ئولتۇراق رايونلاردا ئۆلچەملەشكەن، يۈرۈشلۈك يەسلى قۇرۇلىدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتى 7 - ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يۈرۈشلۈك يەسلى قۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى» توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدە، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايون تۈرى رايون تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي پىلانلاش – يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە قىلىنىدىغان بولۇپ، يۈرۈشلۈك يەسلىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشكە يول قويۇلمايدۇ، يۈرۈشلۈك يەسلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئورۇن يەسلى تۇرۇشلۇق رايون (ناھىيە) دىكى مائارىپ ئىدارىسىغا چوقۇم ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، رايون (ناھىيە) لىك مائارىپ ئىدارىسى يەسلى قۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دېيىلدى.

     قۇرۇلۇش جەريانىدا، تەرەققىيات - ئىسلاھات، پىلانلاش، قۇرۇش، يەر - زېمىن، ئۆي - مۈلۈك، مائارىپ قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلارغا مەسئۇلىيەت بويىچە ئىش تەقسىم قىلىنىپ، يۈرۈشلۈك يەسلى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە دائىرى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىنىپ، يۈرۈشلۈك يەسلى بىلەن يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايوننى ماس قەدەمدە پىلانلاش، ماس قەدەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ماس قەدەمدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

     ئەگەر تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئورۇن يۈرۈشلۈك يەسلىنى سەۋەبسىز، ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە، قۇرۇلۇش تارماقلىرى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ، پىلان تارماقلىرى ئولتۇراق رايوننىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى ئولتۇراق رايوننىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 400 ئارتۇق يەسلى باربولۇپ، بۇلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 94 مىڭغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى يەسلى % 70 نى ئىگىلەيدىكەن.

    (مەريەمگۈل يۇنۇس تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.