مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەلقئارا

    بىيولوگىيەلىك سائەتنى تەڭشەش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن

    زۆھرە تۇرسۇن2017-10-07 17:49:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى شىمالىي ئېرلاندىيە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى بىيولوگىيەلىك سائىتىنىڭ تەرتىپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    تەتقىقاتچىلار 19 ياش چامىسىدىكى 54 ياشنى 18 ئاي تەتقىق قىلغان. تەتقىقات داۋامىدا تەتقىق قىلىنغۇچىلار ھورموننىڭ قارا پىگمېنتنى چىقىرىۋېتىش سەۋىيەسى ھەر كۈنى ناشتىدىن بۇرۇن ئۆلچەنگەن، نەتىجىدە يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ياشلار ھورموننىڭ قارا پىگمېنتنى چىقىرىۋېتىدىغان سەۋىيەسى نورمال ياشلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ چىققان، بۇ دەل يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ياشلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنىڭ تەرتىپسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، چۈنكى بىيولوگىيەلىك سائەت نورمال بولسا ھورموننىڭ قارا پىگمېنتنى چىقىرىۋېتىش سەۋىيەسى كەچتە ئەڭ يۇقىرى، ئەتىگەندە ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن.

    تەتقىقات يېتەكچىسى كەيسېرىن ساندېرىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تەتقىقات نەتىجىسى بىيولوگىيەلىك سائەت بىلەن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، كېچىسى ۋاقتىدا ئۇخلاشنىڭ كۆز ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.