مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    2017-يىلى تارىم دەرياسىغا 1 مىليارد 877 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلاندى

    بۇئايشەم2017-10-07 15:18:20تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 5-ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى نۇقتىلىق قوغداش رايونىدا 2017 - يىللىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 1 مىليارد 877 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىپ، ۋەزىپىنىڭ %187 نى تاماملانغان.

     نۆۋەتتە، زەرەپشان دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسىغا سۇ تولۇقلاش خىزمىتى ئاياغلىشىپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى ۋە تارىم دەرياسى غول لىنىيەسىگە جىددىي سۇ تولۇقلاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

     ئىگىلىنىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ بۇ يىللىق جىددىي ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش پىلانى 1 مىليارد 15 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە زەرەپشان دەرياسىغا 100 مىليون كۇب مېتىر، ئاقسۇ دەرياسىغا 30 مىليون كۇب مېتىر، خوتەن دەرياسىغا 50 مىليون كۇب مېتىر، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا 85 مىليون كۇب مېتىر، تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىغا 700 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلانغان.

     2016-يىلى ئاپتونوم رايون تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى ئېكولوگىيەلىك قوغداش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى يولغا قويۇلۇپ، مارالبېشى، شايار، بۈگۈر قاتارلىق توغراق ئورمانلىقلىرىنى  نۇقتىلىق قوغداش رايونى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا جىددىي سۇ تولۇقلاش خىزمىتىدە 937 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلانغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.