مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    ئامانگۈل2017-10-07 11:29:26شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ‹‹مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ھەم بۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات››، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

    يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ‹‹مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ھەم بۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات››، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەش يىلدىن بۇيان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭى تۈسكە كىردى، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايى بۇنىڭدىن روھلاندى، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەك بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قائىدە–تۈزۈملىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، يېڭى پەللىدىن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي ئورنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن–ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ غايە–ئېتىقادنى قەتئىي چىڭىتىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش–تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، غايە–ئېتىقاد ئاساسىي مەقسىتىنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ماكانىنى قەتئىي ساقلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹باش ئۈزچات››نى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتۇش؛ ئىككى مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش–مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇپ، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلاشقا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش؛ مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى قەتئىي گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››نىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، ‹‹كاززاپلىق››، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي ساقلاپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش ۋە ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش؛ نەتىجىلەرنى قەتئىي داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى چىقاردى، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى، كۆزىتىش خىزمىتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزدى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹نىزام››نى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى سىياسىي ئۆلچەم، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى قوغداشنى تۈپ سىياسىي ۋەزىپە، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ تەلەپ قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ نازارەت قىلىشتىكى سىياسىي ‹‹مىكروسكوپ››لۇق ۋە سىياسىي ‹‹كۆزىتىش چىرىغى››لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنىڭ بەش يىللىق پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى ئىلمىي تەقسىملەپ، تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نورمال كۆزىتىش بىلەن مەخسۇس كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، مەسىلىلەرنى بايقاش، چۆچۈتۈشنى باشتىن–ئاخىر ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر خەنجەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلە يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، بايقالغان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كۆزىتىش خىزمىتىنى پائال قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن ھەمكارلىشىشى، كۆزىتىشتىكى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش–تەكشۈرۈش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹نىزام››نى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئاڭلىق ھالدا ئىشنى قائىدە بويىچە بېجىرىشى، ھوقۇقنى تۈزۈم بويىچە توغرا ئىشلىتىشى، كۆزىتىش ۋە نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە باشتىن–ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش جاۋ لېجىنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەۋقەنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئامال بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىشىمىز، ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنىشتا بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىمىز، كەڭ ئىختىساسلىقلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل–پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.