مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىلىكلەر ئۆكتەبىر ئاخىرلىرىدا يۇقىرىقى تاغدا پىنگىۋىن كۆرەلەيدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-10-07 18:26:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا سەيلىگاھى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا پىنگۋىن كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، مول مەزمۇنلۇق قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ باشلانغانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.

     شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا سەيلىگاھىنىڭ باش مۇدىرى لى جەنخۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ سەيلىگاھ ھازىر داليەن شەھىرىدىكى «شېڭيا» دېڭىز – ئوكيان باغچىسى بىلەن كېڭىشىپ، بۇ باغچىدىكى بىر قىسىم پىنگۋىنى «يىپەك يولى» سەيلىگاھىغا ئەكىلىپ، پىنگۋىن باغچىسى قۇرىدىكەن. سەيلىگاھقا يۆتكەپ كېلىنىدىغان پىنگۋىنلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 1.1 مېتىرغا، ئېغىرلىقى 35 كىلوگىرامغا يېتىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى بۇ يىل قار تېيىلىش مەيدانىغا پىنگۋىن باغچىسى قۇرۇشتىن باشقا يەنە ئەسلىدىكى 500 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق قار تېيىلىش مەيدانىنى 1 مىليون 700 مىڭ كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىدىكەن. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە قار تېيلغاچ پىنگۋىن كۆرەلەيدىكەن.

    پىراكتىكانت خالمۇرات غۇپۇر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.