مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئالتە خىل قىلمىش ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىڭىزنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-10-07 18:26:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئەگەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا بەلگىلىملىرىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قويۇلىدۇ، سۇغۇرتا كارتىسى ئىگىسىگە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى مۇۋاپىق بولمىغان ئالتە خىل ئىشلىتىش سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا بەلگىلىملىرىگە خىلاپلىق قىلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

     1. ئىجتىمائىي كاپالەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كېسەل داۋالاش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق تەنتەربىيە، چېنىقىش بۇيۇملىرى ۋە ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش.

     2. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ ساختا كېسەللىك تارىخى، رېتسىپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى، كېسەللىك دىئاگنوز ئىسپاتى قاتارلىق داۋالاش ھۆججىتى ۋە داۋالىنىش خىراجىتى تالونلىرىنى ئېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھېساباتىدا ئاتچوت قىلىش. (بۇلار يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئالدامچىلىقى، دەپ قارىلىدۇ.)

     3. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ دورىغا دورا ئالماشتۇرۇش، دورا ئېلىش، سېتىش، ساختا داۋالاش تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئىشلىتىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ دورا سېتىۋېلىش.

     4. دوختۇرخانىدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ كېسەللىك ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن دورىلارنى سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا سېتىش. (بۇخىل ئەھۋاللار ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا فوندىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىق جىنايىتىگە كىرىدۇ.)

     5. دوختۇرخانىدا باشقىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ، كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش خىراجىتى تۆلەش.

     6. ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى باشقىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە بېرىش. (بۇ قىلمىش ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا بەلگىلىملىرىگە خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.)

    پىراكتىكانت خالمۇرات غۇپۇر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.