مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    شايار دېھقانلىرى ھەسەلچىلىك قىلىپ بېيىدى

    ئامانگۈل2017-10-06 11:40:53شىنجاڭ گېزىتى

      پەرھات مىجىت، رىزۋانگۈل راھمان خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىدىكى ئەخمەت تاش ھەسەلچىلىك قىلىپ بېيىغان دېھقانلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا ھەسەلچىلىكتىن 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

     ئەخمەت تاش ئىلگىرى ياغاچچى ئىدى، 2007 – يىلىدىن باشلاپ ھەسەلچىلىك قىلدى. 2011 – يىلى ھەسەلچىلىك كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەچكە، ھەسەلچىلىكتىن ئوبدان ئۈنۈم ياراتتى. ھازىر ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى بازار تېپىپ، سېتىش يوللىرى كېڭەيدى. ئۇ دەسلەپتە 20 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى باققانىدى، ھازىر 200 ساندۇققا يەتتى، كىرىمىمۇ يىلسېرى ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار ھەسەلچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىرقىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، بازاردىكى نامرات، ئاجىز كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمەن.

     ئەخمەت تاشنىڭ بېيىش يولىنىڭ ئېچىلىشىنى دېھقانلار ھەسەلچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ لىدىرى ياسىن ئابلانىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ياسىن ئابلانىڭ ھەسەلچىلىك قىلىۋاتقىنىغا 27 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ 2011 – يىلى دېھقانلار ھەسەلچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان دېھقانلار بۇ كوپىراتىپغا ئەزا بولدى. ھازىر كوپىراتىپنىڭ ھەسەل پىششىقلاش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ئۆلچەمگە يەتكەن تېخنىكىلىق مەشغۇلات سېخلىرى بولۇپ، ھەسەل شىرنىسى، ھەسەل تالقىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھالقىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بازار تاپتى. ئۇ بۇلتۇر ئىچكىرىدىكى ئىككى تور مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بويىچە ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىشتا يېڭى يول ئاچتى. ئۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا توردا ھەسەل سېتىپ، 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.