مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا چارۋىچىلىق ئىزچىل، ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى

    ئامانگۈل2017-10-06 11:40:52شىنجاڭ گېزىتى

      رەخمەتجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى ئوبلاستى چارۋىچىلىقتا كۈچلۈك ئوبلاست بولۇشتەك تەبىئىي ئۈستۈنلۈكىنى يەنىمۇ ئەۋزەل ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، چارە – تەدبىر قوللىنىپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا چارۋىچىلىقنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن كەسىپ زەنجىرى ئۇزارغان چارۋىچىلىق دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى كوزىر كەسىپ بولۇپ قالدى.

     ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلى ئېتى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، قازاق قويى قاتارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە نەسىللەرنى ئاساس قىلغان چارۋىچىلىقنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى. 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى ئومۇمىي چارۋا مال 45 مىليون 738 مىڭ تۇياققا، گۆش 142 مىڭ 600 توننىغا، سۈت 395 مىڭ 400 توننىغا، تۇخۇم 53 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاشتى. چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.53 ئاشتى.

     ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە (شەھەر)لەر ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوتلاق بىلەن چارۋا مال تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، سۈنئىي ئوتلاق بىنا قىلىش، تېرىقچىلىقتىن بوشىغان يەرلەرگە ئوت – چۆپ تېرىش ئارقىلىق ئوتلاقلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئىزچىل، ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 3 مىليون 850 مىڭ مو ئوتلاقتىن چارۋا مال چېكىندۈرۈلدى. ئوتلاق بىلەن چارۋا مالنىڭ بېقىش – بېقىلىش تەڭپۇڭلۇقى ساقلانغان ئوتلاق كۆلىمى 42 مىليون 540 مىڭ موغا يەتتى. 361 مىڭ 400 مو سۈنئىي ئوتلاققا، 210 مىڭ مو تەبىئىي ئوتلاققا سورتلۇق ئوت – چۆپ ئۇرۇقى تولۇقلاپ چېچىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.