مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    قەشقەر، خوتەندىن كەلگەن 1800 ئارتۇق ئەمگەكچى ئاقسۇدا ئىشقا ئورۇنلاشتى

    ئامانگۈل2017-10-06 11:40:51شىنجاڭ گېزىتى

      ياسىنجان داموللا خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قەشقەر، خوتەندىن كەلگەن ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ئادىل ئەلى لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرىدىن بولۇپ، بەش مو يېرى بار ئىدى. ئۇ بۇلتۇر 6 – ئايدا خوتۇنى بىلەن ئاقسۇ ‹‹خۇافۇ›› توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىككى ئاي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ، توقۇمىچىلىق مەشغۇلات تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى سىرتتا ئىشلەۋاتىدۇ. خوتونۇم ئىككىمىز زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىن تېخنىكا ئىگىلەپ، رەخت توقۇش ئىشچىسى بولدۇق. ھازىر ئىككىمىز ئايدا 4500 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئېلىۋاتىمىز. زاۋۇت يەنە بىزگە ياتاق ھەل قىلىپ بەردى.

     ئۇقۇشىمچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 1800 ئىشچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 6 – ئايدىن باشلاپ ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى بۇ ئىشچىلارنى ماھارەت ۋە ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلىگەن. ئىككى ئاي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.