مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    سايرام دېھقانلىرى بۇغدايلىققا تاۋۇز كىرىشتۈرۈپ تېرىغاننىڭ پايدىسىنى كۆردى

    ئامانگۈل2017-10-06 11:40:50شىنجاڭ گېزىتى

      قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يولىدا پائال ئىزدىنىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

     سايرام بازىرىدىكى دېھقانلار بۇلتۇر كۈزگى بۇغداي تېرىغاندا قۇر ئارىلىقىدا بىر مېتىر يەرنى ئاق قالدۇرغانىدى. بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ ئاق قالدۇرۇلغان يەرگە تاۋۇز تېرىدى. بۇغداي ئورۇۋېلىنغاندىن كېيىن، تاۋۇز مايسىسى راسا پېلەك تارتىپ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدا تاۋۇزلار پىشىشقا باشلىدى.

     سايرام بازىرىنىڭ ئۇشمەھەللىسى كەنتى 1 – گۇرۇپپىسىدىكى نىياز سىدىق مۇنداق دېدى: 11 مو بۇغدايلىققا تاۋۇز كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، بۇنىڭدىن 4740 كىلوگىرام بۇغداي ئالغاندىن باشقا، يېقىندا 11 مىڭ 638 يۈەنلىك تاۋۇز ساتتىم، كىرىشتۈرۈپ تېرىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.

     ئۇقۇشىمچە، سايرام بازىرىدا بۇلتۇر تېرىلغان 14 مىڭ مو كۈزگى بۇغداينىڭ 6000 موسىغا تاۋۇز كىرىشتۈرۈپ تېرىلىپ، ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقتىن، بۇ يىل 10 مىڭ مو بۇغدايلىققا تاۋۇز كىرىشتۈرۈپ تېرىلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.