مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    قەشقەر ۋىلايىتى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى

    ئامانگۈل2017-10-06 11:40:50شىنجاڭ گېزىتى

      ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋەر قىلىدۇ: تۇپراق شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۆت مو يەرگە قويۇق، ئېگىز ئۆسىدىغان بېدە تېرىغانىدىم. 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېدىلىرىمنى ئىككىنچى قېتىم ئورۇپ يىغىۋالدىم، دېدى مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى تۈمەنتەل كەنتىدىكى ئەمەر ئۇرايىم.

     قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەمەر ئۇرايىمغا ئوخشاش نۇرغۇن چارۋىچى 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 60 مىڭ مودىن كۆپرەك كۆلەمدىكى سۈپەتلىك ئۆسكەن بېدىنى ئورۇپ، ئۆلچەم بويىچە تالقانلاپ ياكى خەندەكلەپ بېسىپ، چارۋىلىرىنىڭ بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىل ئەتىيازلىق يەم – خەشىكىنى بالدۇرلا غەملەپ قويدى.

     قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل زامانىۋى چارۋىچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ھازىر بار بولغان ئومۇمىي تېرىلغۇ يەرنىڭ %1.3 لىك نىسبەتتىكى كۆلەمدە ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ۋىلايەت بويىچە 50 مىڭ 900 مو كۆلەمدە بېدە ئۆستۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، ۋەزىپىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈردى. نەتىجىدە 60 مىڭ مودىن كۆپرەك كۆلەمدە بېدە تېرىلىپ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە ئورۇپ يىغىۋېلىنىپ، ۋەزىپە ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش، سىناق نۇقتىسى قۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قەشقەر يېڭىشەھەر، يەكەن، قاغىلىق قاتارلىق سەككىز ناھىيەدە بۇ خىل ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش سىناق نۇقتىسىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سورتنى 22 خىلغا، كۆلەمنى 3 مىليون 382 مىڭ موغا يەتكۈزدى ھەم باشقۇرۇش، پەرۋىشنى تۈجۈپىلەپ، ھەر مو ئوتلاق يېرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھوسۇلىنى 1680 كىلوگىرامدىن ئاشۇردى. يايلاقلاردىكى چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلەپ، ئوتلاقلارنىڭ تەبئىيلىكىنى قوغدىدى. چارۋىلارنى دانىچە يەم – خەشەك بىلەن بېقىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ خىل يەم – خەشەك پىششىقلاش ماشىنىسىنى 565 كە، يەم – خەشەك پىششىقلاش نۇقتىسىنى 200 گە يەتكۈزدى. ھازىر ۋىلايەت بويىچە پىششىقلانغان دانىچە يەم – خەشەك 24 مىڭ 300 توننىدىن ئېشىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.