مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە 850 ئىشتاتلىق خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ

    ئامانگۈل2017-10-05 12:13:51شىنجاڭ گېزىتى

      مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە ئىشتاتلىق خادىم قوبۇل قىلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، 850 ئىشتاتلىق خادىم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. 45 ياشتىن يۇقىرى، مەھەللىدە خىزمەت قىلغان ۋاقتى 15 يىلدىن ئاشقان ئىشتاتى يوق خادىملار ئايرىم تىزىملىنىپ، مۇئەييەن ساندا مەھەللىلەرنىڭ كەسپىي ئىشتاتىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017 – يىللىق مەھەللىلەردىكى ئىشتاتى يوق خادىملارنى ئىشتاتلىق خادىملىققا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى 8–ئاينىڭ 25 –كۈنى ئېلىنغان، مەھەللىلەردە ئىشلەۋاتقان 4066 خادىم بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان. قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسىنى باھالاشتا، ئادەتتىكى خىزمەت ئىپادىسى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %90ىنى، ئىمتىھان نەتىجىسى %10نى ئىگىلەيدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.