مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدە مۇددەتتىن بۇرۇن پار بېرىلىدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-10-04 16:08:01تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىل ئەتىيازلىق ئىسىقىلىق بىلەن تەمىنلەش رەسمىي باشلىنىدىكەن. ئەمما شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىبلىتاغ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇددەتتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پار بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان.

      مۇخبىرنىڭ 3-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ شىركەت تەۋەلىكىدىكى 900 نەچچە پونكىتىنىڭ ھەممىسى پار بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىنىپ بولغان بولۇپ، 5 - ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى-كەينىدە شارائىتى يار بەرگەن بۆلەك رايونلاردا ئارقا - ئارقىدىن پار قازانلىرىغا ئوت يېقىپ، پار قازانلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن قىزىتىپ،  10-ئۆكتەبىر سائەت 0 دە دەل ۋاقتىدا پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارلانغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.