مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئاپتونوم رايونىمىز داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

    ئامانگۈل2017-10-02 11:27:28شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى


      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدى تۆۋەنگىچە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان خۇشاللىق پەيتتە، 10–ئاينىڭ 1–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بەخت تىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ سۆز قىلدى.

     ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىردە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بايرام شاتلىقىغا چۆمدى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى، رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى مەيدانىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 6000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىلى سەھەردە بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، تەرەپ–تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ، ھاياجانلىق ئىلكىدە تەنتەنىلىك ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى.

     سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە›› مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر مىلتىقلىرىنى كۆتۈرگىنىچە مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ، بايراق چىقىرىش سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى.

     ھەيۋەتلىك ‹‹پىدائىيلار مارشى›› ياڭرىغاندا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا–ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 68 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

     پىيونېرلار بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا قاراپ، سەبىي ئاۋازى، چىن ھېسسىياتى بىلەن، كوممۇنىزم ئىزباسارلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ئانا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىمىز!

     شۈ خەيرۇڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: 68 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، توسالغۇلارنى يېڭىپ، سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل–پاراسەت بىلەن، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ كەسىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. بىز چوقۇم ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئاستا–ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا قاراپ، بەش يىلدىن بۇيان، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن سەمىمىي بەخت تىلىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن سوۋغا تەقدىم قىلىمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.