مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ ياخشى جاي

    مەۋلۇدە2017-09-30 11:15:28شىنجاڭ گېزىتى

    __ گۇاڭدۇڭ خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ساياھەت بازىرى توغرىسىدا

    جيا چۈنشيا

     ‹‹ساياھەت›› بايلىقى چوڭقۇر قېزىلىپ، شىنجاڭ ئېلېمېنتى بار ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى

     مىللىيچە نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن شىنجاڭ تۇرالغۇ كۆرگەزمە زالىنىڭ ئۈستىدىكى ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. LED ئېكرانىدا لەرزان مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇلغان شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىسى تەكرار كۆرسىتىلىۋاتاتتى. ئېللىپىسسىمان كۆرگەزمە زالىدا رەڭدار دوپپا، ئوماق لاتا قونچاق، قولدا ياسالغان ئۆزگىچە چالغۇ قاتارلىق كىشىنى جەلپ قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى.

     9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيى ئېچىلىشى بىلەنلا كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، كۆرگەزمە سارىيىدىن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ ئۆمىكىدىكى خىزمەتچىلەر بەزىدە قىزغىنلىق بىلەن تاماشىبىنلارغا تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتسا، بەزىدە ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

     بىر ياش يىگىتنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدىكى بىر قۇتا ‹‹ھەرە كۆنىكى ھەسىلى››نى ئەستايىدىل كۆرۈۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ ‹‹خېيفېڭ›› كەسپىي پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ گاڭ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ‹‹بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېسىل ھەسىلى، ئۈندىدار جامائەت سۇپىمىزنىڭ نومۇرىنى سىكاننېرلىسىڭىزلا بىر قۇتا سوۋغا قىلىمىز››، دېدى ۋە پۇرسەتنى تۇتۇپ تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

     ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگە، جاڭ چى ئىسىملىك بۇ گۇاڭجۇلۇق يىگىت يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى نومۇرىنى سىكاننېرلىدى ھەم فېڭ گاڭنىڭ ئىسىم كارتىسىنى سوراپ ئالدى. ئۇ يىگىت ئەسلىدە گۇاڭجۇدا خاس شىمال مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولىمۇ بازارلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كەلگەنىدى.

     2011 – يىلىدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى ئالتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. ھازىر ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى مەملىكىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، قاتنىشىدىغان سودىگەر ئەڭ كۆپ كەسپىي ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ سۇپىدا، ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى ئەۋزەل ساياھەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدۇ؛ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئىستېمالچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، بازار ئېھتىياجىنى چۈشىنىدۇ؛ ئىستېمالچىلار ئەڭ يېڭى ساياھەت ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇپ، سۈپەتلىك، ئەرزان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ.

     ساياھەتچىلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مۇدەنگۈلى كەشتىلەنگەن يەلپۈگۈچ، كۆركەم ئەتلەس، قول سومكا، ئوماق ئوغلاق لاتا قونچاق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مىللىي خاسلىقىغا ئىگە كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالدى. قومۇل ‹‹يىديەن›› كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى باۋ جىڭ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

     بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن باۋ جىڭ قومۇللۇق بولۇپ، سەككىز يىل ئىلگىرى ئېرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹يىديەن›› كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرغانىدى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى كەشتىچى قىز 20 دىن ئاشتى، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە نەپىسلىكى، كۆركەملىكى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، 3 مىليون يۈەن ئەتراپىدا يىللىق سېتىش سوممىسى ياراتتى.

     ‹‹بۇ قېتىم 200 دىن ئارتۇق ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى ئەكەلدۇق، مەقسىتىمىز گۇاڭجۇ خەلقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرىدىغان – ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىنىش ماتېرىيالى توپلاشتىن ئىبارەت››، دېدى بىرىنچى قېتىم گۇاڭجۇغا كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان باۋ جىڭ.

     تۇرپان ‹‹بىرلىك›› ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما جۈنجيې مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىغا دائىم قاتنىشىدۇ، ئۇ بۇ قېتىم 3000 پارچىدىن كۆپ تەشۋىق ماتېرىيالى ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە دوپپا، ئەتلەس، تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا قاتارلىق ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئەكەلگەنىدى. كۆرگەزمىدە، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى نومۇرىنى سىكاننېرلىغانلارغا ھەقسىز سوۋغا بېرىش ۋە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق يېڭىچە تەشۋىق ئۇسۇللىرىنى قوللانغان تۇرپان كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئالدىدا ساياھەتچىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەنىدى، شىنجاڭ ئېلېمېنتى بار ساياھەت تاۋارلىرى ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىدە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

     سەر خىل تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى نامايان قىلىندى

     ‹‹بۇ يەرنى چىڭگىزخاننىڭ 2 – ئوغلى <قۇياشقا ئەڭ يېقىن جاي> دەپ ئاتىغان، ئۇ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پامپاس قاتارلىق يايلاقلار بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئېگىز تاغ جىلغىسى يايلىقى دەپ تەرىپلەنگەن، بۇ جاي دەل شىنجاڭ نارات يايلىقىدۇر››. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆتكۈزگەن ‹‹ئىلى خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى›› تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى چې خۇانىڭ تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىققا تولغان تونۇشتۇرۇشى يىغىنغا قاتناشقان ساياھەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ گۈزەل نارات يايلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى قوزغىدى.

     ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئاساس قىلىنغان بىر قاتار تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرى 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن باشلاپلا ئېچىلغانىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىلا ئەمەس، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلدى. خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى جەريانىدا، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ۋە شياڭگاڭ جۇڭگو ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كوپىراتىپى جايلارنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭ ئۆتكۈزگەن ھەر مەيدان مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ھەممىسى قاتناشقۇچىلار بىلەن لىق تولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرى كەسپىي زاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

     9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، شېنجېن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىدىن كەلگەن گو جيەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىمدىكى گۈزەل شىنجاڭ مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ: ‹‹شىنجاڭغا بېرىشنى بۇرۇنلا ئويلاپ كەلگەنىدىم، شىنجاڭنىڭ تاغ – دەريالىرى، مۇزلۇقلىرى، قۇملۇقلىرى ۋە كۆللىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. پۇرسەت بولسا شىنجاڭنى ئۆزۈم ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ كەلسەم دەيمەن، شىنجاڭدىكى ساياھەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى خالايمەن››، دېدى ھاياجان بىلەن.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭجۇدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ھەر يىلى %15لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى. شىنجاڭ ساياھەت بازىرى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسى پارلاق. خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىدە گۇاڭجۇ خەلقئارا ساياھەتچىلىك كوپىراتىپى پاي چەكلىك شىركىتى شىمالىي قىسىم ساياھەت مەركىزىنىڭ كەسپىي باش نازارەتچىسى ۋۇ جياڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنىغا دىققەت قىلدى.

     ۋۇ جياڭ ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 21 يىل بولغان تەجرىبىلىك ساياھەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ ساياھەت بازىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولغانىدى. ئۇ ئەسلەپ: شىنجاڭ رايونىغا يېڭى مەسئۇل بولغان چاغلىرىمدا، بەشلا ساياھەت لىنىيەسى بار ئىدى، ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلى 6 – ئايدىن 10 – ئايغىچە نەچچە ئايلا بولاتتى. ھازىر ساياھەت لىنىيەسى 20 دىن ئاشتى، باھاردا گۈل سەيلىسى قىلىش، يازدا سالقىنداش، كۈزدە فوتو سۈرەتكە تارتىش، قىشتا قار تېيىلىش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دېدى.

     ۋۇ جياڭ: شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، گۇاڭدۇڭ ساياھەتچىلىرىنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى مول بولۇپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ساياھەت كوپىراتىپىمىز شىنجاڭ ساياھەت لىنىيەسىگە بارىدىغان 700 دىن كۆپ ساياھەتچىنى تىزىملىدى، دېدى.

     گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئالاقىسى زىچ ئورنىتىلىپ، پارلاق ھەمكارلىق ئىستىقبالى نامايان قىلىندى

     9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى، گۇاڭدۇڭ ‹‹گويۈ›› ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى لى مېي تېكەس كۆرگەزمە ئورنىغا كېلىپ: ‹‹ تېكەستىن گۇاڭجۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بارمۇ؟›› دەپ سورىدى.

     لى مېي: ھازىر شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئېھتىياجى بىر قەدەر كۈچلۈك، شىركىتىمىز بۇ يىل شىنجاڭ ساياھەت لىنىيەسىنى نۇقتىلىق ئېچىشنى پىلانلىدى. ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا ئون يىل بولدى، شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، ئىككى جاينىڭ بايلىق جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق پۇرسىتىمىز تېخىمۇ كۆپ›› دېدى.

     شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بەلگىلىگەن بىر قىسىم تەقدىرلەش ۋە تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرى شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنى ئېچىشتا ناھايىتى چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى گۇاڭدۇڭ خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىگە ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشتۇرۇپ،گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، ئىككى جاينىڭ كەلگۈسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ.

     گۇاڭدۇڭ ‹‹نەنخۇ›› خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ شياۋلى تونۇشتۇرۇپ: ھەر يىلى 5 – ئايدىن 10 – ئايغىچە، شىركىتىمىز گۇاڭجۇدىن شىنجاڭغا نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچى ئەۋەتىدۇ، بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ ساياھەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قوللىشىنى، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

     ھازىر شىنجاڭ ساياھەت بازىرى ساياھەت كەسپىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ‹‹نەنخۇ›› خەلقئارا ساياھەتچىلىك كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىدىكى دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىك زاكاز تالونىدىن قارىغاندا، شىنجاڭغا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە بېرىش زاكاز تالونى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شىنجاڭ ئالدىنقى 10 – ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ قىزىق ساياھەت ئۆلكە، شەھىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

     قەشقەر ۋىلايىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان رايون. يېڭى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى بىر مۇھىم تەدبىرىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسى قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە، ئالاقە ئورنىتىشقا كېلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىش – ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قەشقەرنىڭ ساياھەت بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ‹‹100 كارخانا، 1000 ئۆمەك، تۈمەن ئادەم شىنجاڭ سەپىرى››، ‹‹گۇاڭدۇڭ – شىنجاڭ›› ناملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، يۈرۈشلۈك ساياھەت ھەمكارلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ساياھەت كارخانىلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يەتتە قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت قېتىملىقى شىمالىي شىنجاڭغا، ئۈچ قېتىملىقى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنىغان.

     ‹‹ھازىر جۇجياڭ دىلتىسى قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي ساياھەتچىلەر مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، جۇجياڭ دىلتىسىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئومۇمىي ساياھەتچىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسى قەشقەر ۋىلايىتىنى كۆرگەزمە سۇپىسى، كۆرگەزمە ئورنى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، بۇ يەردە مىللىي ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشىمىز، تەشۋىق قىلىشىمىز ۋە تونۇشتۇرۇشىمىزغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ – شىنجاڭنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ››، دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ رۇڭدۇڭ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.