مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى يۇمىلاقتاغ جەنۇبىي يولىدىكى 330 مېتىرلىق ئاساسىي ئاپتوموبىل يولى ئېتىۋېتىلدى

    بۇئايشەم2017-09-30 17:20:23تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى مېترو 3-لىنىيەسىنىڭ يۇمىلاقتاغ باغچىسى بېكىتىدە 27-سېنتەبىر قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن يۇمىلاقتاغ جەنۇبىي يولىدىكى 330 مېتىرلىق ئاساسىي ئاپتوموبىل يولى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يولدىن ئۆتۈشىدىغان ئاپتوموبىللار غەربتىكى يولدىن ماڭسا بولىدۇ.

     ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە يۇمىلاقتاغ باغچىسى بېكىتى ئورنى قورشىلىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تەييارلانغان. شەھەر ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ غەربىگە قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدىغان يول ئېچىلغان، بېكەتنىڭ شەرقىگە 1.5 مېتىر كەڭلىكتە پىيادىلەر يولى قالدۇرۇلغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.