مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك

    ئامانگۈل2017-09-29 12:05:18شىنجاڭ گېزىتى

     ياڭ ئەيشياۋ

     ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بانكا قەرز پۇلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئىزچىل ھالدا قىيىن بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، مەبلەغنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەرقلىق رىقابەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

     يېقىندا ئېچىلغان بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىل ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت سۆھبەت يىغىنىدا، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بانكا كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى تەلەپ قىلىندى. بانكا كەسپى ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن يىل ئىچىدە خېرىدارلارغا 44 مىليارد يۈەن پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەندى.

     ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بازار رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى سىلجىتىش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە باج كىرىمىنىڭ %50تىنى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىىڭ %60تىنى، كەشپىيات پاتېنتىنىڭ %70تىنى، شەھەر بازارلاردىكى %70تىن كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ياراتقان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقىغا ئايلانغان.

     جۇڭگو ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە تەرەققىي قىلىپ زورىيىش جەريانىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلغاندا، نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى مۇكەممەل ئەمەس، رەنە قويغۇدەك مۈلكى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەسكە توختاۋاتىدۇ. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، بەزىدە ھەتتا كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ ئىچىدە %23.5 كارخانا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن تەرەققىياتىمىز چەكلىمىگە ئۇچرىدى، دەپ قارىغان.

     جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش: 2017 – يىللىق تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز›› ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى بانكىلار زور سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرزنى تارقىتىش ھوقۇقىنى باش بانكا ئۈستىگە ئالدى، دەپ قەرز پۇل تارقىتىشنى قىسىش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، قەرز پۇلنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئازىيىپ كېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قىسقا مۇددەتلىك قەرزنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتىكى تۈپ سەۋەب پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى يولنىڭ راۋان بولمىغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەلا سۈپەتلىك ئايلىنىش بارلىققا كەلمىگەنلىكىدىن دەپ قارىغان. بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم مەبلەغ ئەمەلىي ئىقتىساد ساھەسىگە سېلىنماي يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مەبلەغنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئايلىنىشى خەۋپ – خەتەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

     شۇڭا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىش شەرتى ئاساسىدا مەبلەغنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت ھەققى، دائىملىق مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ‹‹مەبلەغ سېلىش بىلەن قەرز بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش››تىن ئىبارەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى، يۇقىرى تېخنىكا ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ساھەسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ رەنە بۇيۇمى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا پەرقلىق سىياسەتنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەرقلىق رىقابەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مەبلەغنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مايىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ – خەتىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.