مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    كۇچا ناھىيەسى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

    مەۋلۇدە2017-09-26 13:15:03شىنجاڭ گېزىتى

     ئەھمەد ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساقساق، يېڭىشەھەر، شەرقى شەھەر كوچا باشقارمىلىرىدا تۆت ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرغانىدى. ھازىرغىچە بۇ بازىلاردا 3724 كىشىنى تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، رېمونتچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يېزا – بازارلاردىكى مىكرو كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

     ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسىدىكى يۈسۈپ ئېلى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ياردىمىدە بۇ بازىدا دۇكان ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇكان ئېچىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى، ھازىر خېرىدارىم كۆپىيىپ تىجارىتىم جانلىنىپ، ئايدا 3500 يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلىۋاتىمەن. كېيىنچە دۇكاننى كېڭەيتىپ، ياشلارنى كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

     ئۇقۇشىمچە، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ بازىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، تىجارەت كۆلىمىگە ئاساسەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز مەبلىغى ھەل قىلىپ بېرىش، مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتىلارنى تۆلەپ بېرىش، دۇكان ئىجارىسىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا مەدەت بەرگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.