مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    توققۇزتارا ناھىيەسى ناھىيەگە ماكانلاشقان كارخانىلارنى كۈچلۈك قوللىدى

    مەۋلۇدە2017-09-26 13:14:11شىنجاڭ گېزىتى

     دىلنۇر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل توققۇزتارا ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ناھىيەگە ماكانلاشقان كارخانىلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، جايلاردىكى سودا جەمئىيەتلىرى، كەسپىي ئۇيۇشمىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ يىللىق 800 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا پۇختا ئاساس سالدى.

     بۇ ناھىيە ئەسلىدە بار بولغان سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرى ئاساسىدا يەر، جاي، سۇ، تۇپراق ۋە كۈن نۇرى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئەۋزەل سىياسەتلىرى ئارقىلىق دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم كارخانىلارنى جەلپ قىلدى.

     ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيە بويىچە ئەمەلىيلەشكەن سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 515 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %64.3ى تاماملاندى. ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ جاڭجياگاڭدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز بەش تۈر بويىچە ئۈچ كارخانىنى ناھىيەگە ماكانلاشتۇردۇق.

     بۇ يىل توققۇزتارا ناھىيەسى كەسىپلەر رايونىدىكى ئاساسلىق يول قۇرۇلۇشى، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، كۆكەرتىش، بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، ناھىيەگە ماكانلاشقان كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىپ، ئېتىبار سىياسەتلەرنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ تېز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، تېز مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.