مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئۈزۈمچىلىكنىڭ قەنتىنى چاقماقتا

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:34:44شىنجاڭ گېزىتى

     راھىلە توختى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەش، تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرى بىلەن ئۈزۈمچىلىكنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

     بۇلتۇر بۇ ناھىيەدىكى ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 2016 – يىلىدىكىدىن 3500يۈەن ئاشتى. چىمەن يېزىسىدىكى تۇرسۇن ھەسەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا كىرىمىم قورساق بېقىشقىلا يېتەتتى. يېزا رەھبەرلىكىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ھال كۈنۈم ياخشىلاندى، بۇلتۇر تۆت مو ئۈزۈملىكتىن 40مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىل يەتتە مو يەرگە كېڭەيىتتىم، بۇنىڭدىن كىيىن ئۈزۈملۈك كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمەن.

     بۇ ناھىيە ئۈزۈمچىلىك كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشتە نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ‹‹قىزىل يەر شارى›› ئۈزۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈلگە ئېتىزى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈمچىلىككە قىزىقىدىغان ھەر مىللەت دېھقانلىرىغا ئۈلگە ئېتىزىدىن يەر بۆلۈپ بەردى ھەم دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمچىلىككە بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلارنىڭ ھەر مو يېرىگە 500يۈەندىن تولۇقلىما بەردى. تۈر قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق 400مو ئۈزۈمچىلىك ئېتىزىغا ھەقسىز تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى. دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشتا يولۇقۇۋاتقان تېخنىكا جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخنىكا جەھەتتىن ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، دېھقان تېخنىكلارنى تەشكىللەپ دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، ھەم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىن باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ يىل ناھىيە بويىچە 2300 مو ئۈزۈملۈك بەرپا قىلىنىپ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزۈمچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 2 مىليون 687 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21ئاشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.