مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    لۈكچۈن بازىرىدا كۈزلۈك قوغۇن پەرۋىشى ياخشى ئىشلەنمەكتە

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:34:00شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: يازلىق قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈزلۈك قوغۇندىنمۇ مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، پەرۋىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

     لۈكچۈن پىچان ناھىيەسىنىڭ تاغ جەنۇبى رايونىدىكى ئاساسلىق قوغۇن تېرىلىدىغان بازار. بۇ بازار 12 مىڭ مو كۆلەمدىكى يازلىق قوغۇنلىرىنى ئوڭۇشلۇق سېتىپ چىقىرىپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقاندىن كېيىن، 6 – ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 7 – ئاينىڭ باشلىرى 6000 مو يەرگە كۈزلۈك قوغۇن تېرىغانىدى. لۈكچۈن بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۈزلۈك قوغۇندىنمۇ مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قوغۇننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، دېھقانلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا پەرۋىش قىلىشقا يېتەكلىدى. سودىگەرلەرنىڭ ئورگانىك قوغۇن سېتىۋېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە خىمىيەۋى دورىلارنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇپ، 18 مىڭ توننا ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىدى. قوغۇن پىلىكىدىكى ھارام شاخلارنى ئېلىش، پىلەكتە كۆرۈلىدىغان ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە 20 گە يېقىن تېخنىك قوغۇنلۇقتىن ئايرىلماي، دېھقانلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، لۈكچۈن بازىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك قوغۇنلىرى 10 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئومۇميۈزلۈك بازارغا سېلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.