مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئۇچتۇرپاندىكى نامرات ئامما ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدىسىنى كۆردى

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:32:18شىنجاڭ گېزىتى

     ئابدۇسالام نىياز، دىلدار ئابدۇساتتار خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىنىڭ ماچاڭ كەنتىدىكى قوي باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېقىندا ئەزالارغا يىللىق پايدا تەقسىملەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كوپىراتىپقا پاي قوشقان 73 نامرات ئائىلىگە يەنە بىر قېتىم 340 مىڭ يۈەن پايدىنى تەقسىملەپ بەردى.

     شۇ كۈنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن پايدا بۆلۈپ بېرىلگەن ئائىلىلەردىكىلەرنىڭ چېھرىدە شادلىق جىلۋىلەندى. بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ئەمەت تۇراق ئىماملىرىم بازىرىنىڭ ماچاڭ كەنتىدىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، 2015 – يىلى ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن ئون تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشىغا بەرگەنىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان چارۋا بېقىشتىكى تۈرلۈك تەننەرخىنى تېجەپلا قالماي يەنە كوپىراتىپ ئۇنىڭغا بەلگىلىك پايدا ئايرىپ بەردى. بۇ قېتىم ئۇ يەنە 4712 يۈەن پايدىغا ئېرىشتى.

     ئەمەت تۇراق مۇنداق دېدى: دەسلەپ قويلارنى كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش زادى كاللامدىن ئۆتمەي، قويلىرىم مۇشۇنداقلا خەقنىڭ بولۇپ كېتەرمۇ دەپ ئويلاپتىمەن. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن قويلىرىمنى كوپىراتىپقا قوشتۇم. ئىككى يىلدىن بۇيان قويلىرىم كوپىراتىپتا بېقىلىپلا قالماي، يەنە قولۇممۇ پۇل كۆردى. بۇ سىياسەت ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

     ماچاڭ كەنتىدىكى قوي باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2015 – يىلى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلى كەنتتىكى 73 نامرات ئائىلە ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن 850 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويىنى كوپىراتىپقا پاي قىلىپ قوشقان ھەم كوپىراتىپ نامرات ئائىلىلەر بىلەن ھەر يىلى %15 پايدا ئايرىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزگەنىدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ھازىر ماچاڭ كەنت قوي باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوخشاش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 42 سى بولۇپ، ئەزاسى 2400 دىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ %50 تىن كۆپرەكى نامرات ئائىلە. بۇ ‹‹كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئامما›› تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ يېزىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇچتۇرپاندىكى نامرات ئائىلىلەر تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرىشتى ھەم نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا خەتەرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە پۇختا ئاساس سېلىندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.