مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    شادلىق ئارامگاھىدىن شادلانغانلار

    مەۋلۇدە2017-09-26 13:13:30شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇسالام قادىر

     باش كۈزنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسى ئوتتۇرا تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى مەمەت مۆمىننىڭ بېغىدىكى شېخى كۆتۈرەلمىگەن قىپقىزىل توغاچ، شاپتۇل، ئالمىلار مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە بېغىنى ئارىلاپ، مېۋىسىنى كۆتۈرەلمىگەن شاخلارغا تېرەك قويۇپ، باغ سەيلىسىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى قىلدى. چۈشكە يېقىن قاراماي شەھىرىدىن 30غا يېقىن ساياھەتچى مەمەت مۆمىننىڭ بېغىغا كەلدى – دە، سەيلە قىلغاچ، پىشقان مېۋىلەرگە ئېغىز تەگدى. مەمەت مۆمىن ساياھەتچىلەرگە بېغىدا ئۆستۈرگەن ئورگانىك كۆكتاتلاردىن تاماق تەييارلىدى، تەكلىپ قىلغان سازچىلار سورۇننى قىزىتتى.

     بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن مەمەت مۆمىن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىنىڭ شىمالىدىكى بىنەملىكتە مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 40 مو يەردە باغ بەرپا قىلغانىدى. ئۇ 25 يىل تىرىشىش ئارقىلىق بۇ باغدا ئىلىنىڭ ھەرخىل يەرلىك مېۋىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىلگىرىكى بۇ بىنەملىكنى كۆڭۈلدىكىدەك ئارامگاھقا ئايلاندۇردى. بۇلتۇر ئۇ يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ‹‹شادلىق ئارامگاھى›› قۇرۇپ، مەنزىرە، يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن سەھرا ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كۈنىگە 200گە يېقىن مېھماننى كۈتەلەيمەن، بۇلتۇر 100مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم. ئارامگاھقا كەنتىمىزدىكى ئوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم، ئۇلارغا ھەر ئايدا ئىشلىگىنىگە قاراپ 1500 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىۋاتىمەن.

     تۇرپانيۈزى يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا مەمەت مۆمىننىڭ ‹‹شادلىق ئارامگاھى›› قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى ئۈلگە قىلىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى جانلاندۇرۇپ، يېزىدىكى 6000 مولۇق مېۋىلىك باغدا سەھرا ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويدى، ھازىر بۇ يېزىدا سەھرا ساياھەتچىلىكى ئارامگاھى ئالتىگە، بۇ ئارامگاھلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئارتۇق ئەمگەكچى 100گە يەتتى. ساياھەت پەسلىدە ئارامگاھ ئەتراپلىرىدا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلە 100دىن، ئۇلارنىڭ يىللىق تىجارەت كىرىمى 500مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

     تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ باشلىقى نۇرمەمەت غىياس مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مۇشۇ ‹‹شادلىق ئارامگاھ››لىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇ مەمەت مۆمىندەك ئارامگاھ خۇجايىنلىرىغىلا ئەمەس، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شادلىق بېغىشلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.