مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    غۇلجا شەھىرى 6مىليون 190مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:28:19شىنجاڭ گېزىتى

     ئەخەت ئېلاخۇن خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، غۇلجا شەھىرى بۇ يىل كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ جۇغلاش ئارقىلىق بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ 1407 ئىستۇدېنتقا 6 مىليون 190 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان.

     غۇلجا شەھىرى 2014 – يىلى ‹‹ئوقۇغۇچىلارغا رىشتە باغلاپ، پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى›› تېمىسىدىكى مەبلەغ جۇغلاپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئوقۇش ياردەم پۇلى مەبلىغىنى جۇغلاش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، مۇكەممەل ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلغان. غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2 مىليون 85 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تەييارلاپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 695 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 3000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 653 ئىستۇدېنتنىڭ ھەر بىرىگە 6000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەسىس قىلغان ‹‹مېھىر – شەپقەت پەرىشتىسى›› ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى جەمئىيىتىگە ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق 59 مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشى ئۈچۈن 187 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.