مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    پىچاندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:27:30شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان پەرزەنتلىرىگە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

     پىچان ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىلھام بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن، يېقىندا يېزا – بازارلاردىكى ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئارقىلىق 80 ئوقۇغۇچىغا 146 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

     بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئايگۈل ئەكبەر مۇنداق دېدى: دادام نەچچە يىل ئىلگىرى قاتناش ھادىسىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن، ئاپام كېسەلچان بولغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى، بۇ قېتىم 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىم، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت. ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىم بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە جاۋاپ قايتۇرىمەن.

     ئۇقۇشىمچە، پىچان ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2015 – يىلىدىن بۇيان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان 171 پەرزەنتىگە 329 مىڭ 500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.