مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئۈندىدار سودىسىدىكى ‹‹شاخلىتىپ سېتىش››نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماڭ

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:16:27شىنجاڭ گېزىتى

    مۇبارەك ئىسمائىل

     ئۈندىدارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىمۇ ئېشىشقا باشلىدى. ئۈندىداردا تىل ئۆگىنىش، تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىش، گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىش، سودا قىلىش، كارخانىلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىش...قاتارلىقلار ئەمدى بىزگە يېڭىلىق تۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈندىداردا سودا قىلىشنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولدى. ئەمما، بىر قىسىم كىشىلەر ئۈندىدار سودىسىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹شاخلىتىپ سېتىش›› قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانماقتا، بۇ، ھەممەيلەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى.

     ئۇنداقتا، قايسى خىل قىلمىشلار ئۈندىدار سودىسىدىكى ‹‹شاخلىتىپ سېتىش›› قىلمىشىغا تەۋە بولىدۇ؟

     مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئۇقۇشىمچە، ئۈندىدار سودىسىدىكى ‹‹شاخلىتىپ سېتىش›› قىلمىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىپادىلىرى بار ئىكەن:

     بىرىنچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا شەكلىدىكى شاخلىتىپ سېتىش. بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر قىسىم كىشىلەر ئاۋۋال ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتىدىن بىرنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئاندىن مۇشۇ شىركەت نامىدا بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا تور سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن ھەمدە ‹‹تور سودىسى››، ‹‹توردا دۇكان ئېچىش››، ‹‹توردا بىۋاسىتە سېتىش›› دېگەندەك ناملار بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

     ئىككىنچى، ھەقسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش نامىدىكى شاخلىتىپ سېتىش. جەمئىيتىمىزدە ھازىر ‹‹ھەقسىز پايدا ئېلىش›› شەكلىدىكى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، بۇ مەلۇم مەبلەغ سېلىپ نەرسە سېتىۋېلىپ، مەبلەغنى مەلۇم ئۇسۇلدا قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى ھېسابلىنىدىكەن.

     ئۈچىنچى، توردا ئىگىلىك تىكلەش نامىدىكى شاخلىتىپ سېتىش. توردا ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلىدا بەزى تور بېكەتلەر ‹‹بىر تەرەپتىن ئويۇن ئويناپ، بىر تەرەپتىن پۇل تېپىش››، ‹‹ئويناپ تۇرۇپ ئايدا 10مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش›› دېگەندەك قىلتاقلار بىلەن سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالدىن تەييارلىۋالغان ھېسابات نومۇرىغا ئۇرغۇزىدىكەن، لېكىن بۇ پۇل مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توزاندەك غايىب بولىدىكەن.

     تۆتىنچى، توردا دو تىكىش شەكلىدىكى شاخلىتىپ سېتىش. بۇ، توردا قىمار تەشكىللەپ، قاتناشقۇچىلار مەلۇم مىقداردا ئەزالىق پۇلى تاپشۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىدەك ئۇسۇللار بىلەن ئەزا توپلاپ، پايدا ئېلىشتەك شاخلىتىپ سېتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدىكەن.

     بەشىنچى، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشنى باھانە قىلغان شاخلىتىپ سېتىش. بۇنىڭدا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا ياكى ھەممىگە شىپاھ ئىچىملىك، يېمەكلىك دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تۆۋەن تەننەرختىكى مەھسۇلاتنى كۆپتۈرۈپ، يۇقىرى باھادا سېتىش ھەمدە قاتلاممۇ قاتلام ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ پايدا ئېلىش، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تەشكىللەپ خەلق ئاغزىدا ‹‹ھەقىقىي ساخاۋەتچى››گە ئايلىنىۋېلىپ، خەلقنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدىن پايدىلىنىپ شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆرسىتىدىكەن.

     ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت مىقياسىدا، جۈملىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈندىدار سودىسىدا شاخلىتىپ سېتىشقا كىرىپ قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ۋە ياكى تېز بېيىشنى ئويلايدىغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئاياللىرىنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا، خىزمەتچىلەر، مەمۇرلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.

     بۇنداق دېيىش، ئۈندىدار سودىسىنىڭ ھەممىسىنى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت شاخلىتىپ سېتىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئىپادىسى كۆرۈلگەن ھامان سودا قىلغۇچى ئۆزىنى توختىتىپ قىلىۋاتقان ئىشى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە كىشىلەردىن مەسلىھەت سورىشى، ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، بۇخىل قانۇنسىز قىلمىشلارغا چېتىلىپ قالماسلىقى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.