مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئاۋات ناھىيەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى

    مەۋلۇدە2017-09-26 11:30:14تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرغۇن مەتنىياز، روشەنگۈل ئابدۇرېھىم خەۋىرى: ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى يېقىندا «دولان» ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلارنى تەشكىللەپ، ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە قانۇن-تۈزۈم بويىچە لېكسىيەسى سۆزلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.

     قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا توغرا تەربىيە ۋە يېتەكلەشكە موھتاج بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئاۋات «دولان» ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلار ئوقۇغۇچىلارغا «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى»، « قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ھالدا دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.